合伙协议
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇن
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 214
  • مەسلىھەت : 2

ياخشىمۇ سىز ؟ مەن 2017-يىلى 12- ئاينىڭ20- كۈنى مەلۇم بىرەيلەن بىلەن شىرىكچىلىك توختامى تۈزۈپ شىرىك تىجارەت قىلشقا كىلىشپ، تىجارەت قىلشقا مەن 25000يۈەن پۇل چقىرىدىغان، مەن چىقارغان پۇلنى قارشى تەرەپ مەبلەغ قىلىپ تىجارەت قىلدىغان، توختام مۇددىتى بىر يىل بولغان لىكىن قارشى تەرەپ 6ئايلا تىجارەت قىلىپ كىيىن تىجارەت قىلغىلى ئۇنىمىدى مەن ئۇنى ئىزدەپ بىرىپ تىجارەت قىلامسە ياكى مەن چىقارغان 25000يۈەن پۇلنى قايتۇرۇپ بىرەمسە دىسەم، ئۇ ھازىر تىجارەت قىلشقا پۇل يوق، سەن بەرگەن 25000يۈەن پۇلدىن 10000ئون مىڭ يۈەن پۇلنى ئۆي سىلىشقا ئىشىلتىۋەتتىم، 9000توققۇز مىڭ يۈەن پۇلنى يۈتتۈرۈۋەتتىم، ئالتە مىڭ يۈەنگە تىجارەتتە ئىشىلتىشكە توكسىكىلىت ئالدىم، ھازىر مەندە پۇل يوق، دەپ تۇرۇۋالدى، يەنە تېخى يۈتتۈرۈۋەتكەن 9000يۈەن پۇلنى تەڭدە تەڭ، ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز دەپ تۇرۇۋالدى ئۇنىڭ مۇشۇ گىپى يوللۇق بولامىدۇ، مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 2

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
نۇرمەمەتجان تۇرغۇن 13899902143

ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شىرىكچىلىك كىلىشىمى بولۇپ، كىلىشىمدە تەرەپلەرنىڭ ھوقوق - مەجبۇرىيتى ئىنىق بىكتىلگەن بولسا، سىز كىلىشىمدىكى مەجبۇرىيتىڭىزنى ئادا قىلىپ مەبلەغنى سېلىپ، تىجارەتتىن زىيان چىقمىغان ئەھۋالدا، يۈتتۈرۋەتكەن مەبلەغنى سىزنىڭ تەڭ ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيتىڭىز بولمايدۇ، شۇڭا ئۇ سىز سالغان مەبلەغنى تولۇق قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك .

ئالىي باشقۇرغۇچى

كېلىشىم بويىچە ئىش كۆرۈڭلار، بولمىسا ئىشخانىغا كەلسىڭىز كېلىشىمنى بىر كۆرۈپ تەپسىلىي مەسلىھەت بېرەي.

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.