房屋
  • يوللىغۇچى : xjadwokat171
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 252
  • مەسلىھەت : 1

ئايالىم دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ،دوختۇرخانا ئۆي-مۈلۈك ئىدارسىنىڭ تەشۋىقاتى بۇيچە ئۆيگە ئىھتىياجى بارلارنىڭ تىزملىتىشى توغرىسىدا ئۇختۇرۇش قىلغان ، بىز ئۆيگە تىزىملاتقاندىن كىيىن دوختۇرخانىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بۇيچە 10000يۈەن پۇل تاپشۇرغان ، پۇل تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن چەك تارتىدىغان ئىشنى سۈرەپ چىقتى، چەك تارتقاندىن كىيىن دوختۇرخانا ئىلگىرى دىگەن ئۇرۇندىن چىقماي ، تۇرمۇشمىزغا قۇلايسىز ئۇرۇندىن چىقىپ قالدى، 10000مىڭ يۈەن پۇلۇمنى قايسى ئۇسۇلدا قايتۇرۋالالايمەن . دوختۇرخانا 10000يۈەن پۇلنى زاكالەت پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ دەپتۇ

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
نۇرمەمەتجان تۇرغۇن 13899902143

سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئۆي مەبلەغ توپلاپ سالغان ئۆي بولۇپ، ئالدىن پۇل تاپشۇرۇش ئارقىلىق شۇ ئۆيگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىزنى بىكىتتىڭىز، ئۆي ئورنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا قويۇلماستىن، بەلكى چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بولىدۇ . دوختۇرخانىنىڭ چەك تارتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى توغرا بولغان . پۇلنى قايتۇرۋىلىش ئىشىغا كەلسەك ئوتتۇراڭلاردا توختام بولۇپ، زاكالەت پۇلى توغرىسىدا پۈتۈم بولسا پۈتۈم بويىچە، توختام ياكى باشقا يازمىچە ھۆججەت بولمىغان ئەھۋالدا كىلىشىپ بىر تەرەپ قىلساڭلار بولىدۇ، ماھىيەت جەھەتتىن يازمىچە پۈتۈم ياكى ھۆججەت بولمىغان ئەھۋالدا، دوختۇرخانىنىڭ پۇلنى زاكالەت پۇلى، قايتۇرۇشقا بولمايدۇ دىيىشىنىڭ ئاساسى يوق . ئەسكەرتىش :ئەگەر تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا توختام بوپ قالسا، توختامنى ئېلىپ بېرىپ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈڭ .

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.