借贷
  • يوللىغۇچى : xjadwokat009
  • |
  • يوللانغان ۋاقتى :
  • |
  • ئاۋاتلىقى : 102
  • مەسلىھەت : 1

ياخشىمۇسىز ،مەن بىر ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىمغا ئۆزۈمنىڭ نامىدا توردىن ئەللىك مىڭ يۈەن ئېلىپ بېرىپ تۇرغان، ئۇنى قايتۇرۇپ بەرمەي سوتقا ئەرز قىلىپ مۇرەسسەنامە چىقىرىپ بەردى،بەلگىلەپ بەرگەن مۆھلەتمۇ توشۇپ ئېشىپ كەتتى، بىر موچەنمۇ قايتۇرمىدى ،ئىجراغا ئىلتىماس قىلدىم ، ئۇنىڭ ئائىلە شارائىتىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەسكەن، ئىجرادىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا باشتا ئون بەش كۈنگىچە تېپىپ بول دېدى، كېيىن بىر ھەپتە ۋاقىت بەردى، ئاران سەككىز مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بەردى ماڭا، مانداق قارىسام بۇ پۇلنى ئىجرا قىلىپ ئېلىپ بولۇشقا كۆزۈم يەتمىدى، يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرىمىز، ئاڭلىسام ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسىنى قولۇمغا ئېلىۋالساملا بولدى، باشقا ئىش بىلەن كارىم يوق دەپتۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتسەك تېخىمۇ ئالالمايمەن دە. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەتسە

  • مەسلىھەت بېرىش
  • مەسلىھەت : 1

مەدەنىيەتلىك،ئەھمىيەتلىك ساغلام بولغان مەزمۇنلارنى يوللايلى !

كىرىش
نۇرمەمەتجان تۇرغۇن 13899902143

ياخشىمۇسىز، ساۋاقدىشىڭىز سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىناۋىتى ياخشى بولمىغان ئىجرا قىلىنغۇچى قاتارىدا تورغا يوللىندۇ، ئۇ خىل ئەھۋالدا دىپلوم ئالدى دىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنۋان ئالالمايدۇ . مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەتكەن سەۋەبلىك پۇلنى ئالالمايدىغان ئىش يوق، ئۇنىڭغا خىزمەت لازىم بولسا پۇلىڭىزنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدۇ .

18999174577

شىنجاڭ ئادۋوكات سالونى : xjadwokat

شىنجاڭ ئۆزقۇت شىركىتى 新疆吾孜古德有限公司

شىنجاڭ جەسۇر ئادۋوكاتخانىسى 新疆伽苏尔律师事务所

Copyright © 2016 Xjadwdoneat All Rights Reserved

新ICP备15002342号-1

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئادۋوكات تورىغا تەۋە. مەزمونلارنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.